[Latinchisi astida]

ئەسسالامۇئەلەيكۇم فىرانسىيەدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلار

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، 20-يانۋار فىرانسىيە دۆلەت پارلامېنتى، ئاۋام پالاتاسىدا 1گە قارشى 169 مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ئاۋاز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى رەسمىي ھالدا ئېتىراپ قىلدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھىنىڭ پارلامېنتتا ماقۇللىنىشى مۇھاجىرەتتىكى جۈملىدىن فىرانسىيەدىكى بارلىق ۋەتەنداشلىرىمىزنى ھاياجانغا سالدى. تۈنۈگۈن نەق مەيداندا نامايىشقا قاتناشقان، پارلامېنت ئىچىگە كىرىپ بۇ تارىخى ۋەقەگە شاھىت بولغان ھەممىمىزنىڭ كۆزلىرىگە ياشلار كەلدى. خۇشال بولدۇق، ھاياجانلاندۇق، ئۆز -ئارا تەبرىكلەر ئەۋەتىشتۇق. پۈتۈن دۇنيا مېدىئالىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتۇق. فىرانسىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە شاھىت بولدۇق...

بىز «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نامىدىن بۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى جەريانىدا يىللاردىن بېرى كۈچەپ كېلىۋاتقان «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى»غا ۋە شۇنداقلا رەئىسى دىلنۇر رەيھان خانىمغا، ئىنستىتۇت ئىچىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە يەرلىك فىرانسۇز ياشلارغا، لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار جەلىلوۋا، گۈلباھار خاتىۋاجى، قەلبىنۇر سىدىق، ئۆمەر بېكئالى، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت، مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىق قەھرىمانلىرىمىزغا، يىللاردىن بېرى فىرانسىيەدىكى ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە تېلېۋىزىيە، گېزىت، ژۇرناللاردا شۇنداقلا ھەرخىل چوڭ كىچىك پائالىيەتلەردە توختىماستىن گۇۋاھلىقلارنى بېرىپ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان سۆيۈملۈك ۋەتەنداشلىرىمىزغا، نامايىشلاردىن قالماي كېلىپ ۋەتەندىكى مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقان شۇ ئوت يۈرەك ۋەتەنداشلىرىمىزغا، فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشتە ئەڭ زور كۈچ چىقارغان رافائەل گلۇكىسمەن ئەپەندىگە، مەزكۇر قانۇن لايىھىنىڭ پارلامېنتقا سۇنۇلىشىدىكى ئاساسلىق كۈچ چىقارغان فىرانسىيە سوتسىياللار پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى ئولىۋىيېر فوئۇغ ئەپەندىگە، شۇنداقلا فىرانسىيە ھۆكۈمىتىگە، فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى بىز ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان بارلىق دېپۈتاتلارغا چىن قەلبىمىزدىن تەشەككۈرلىرىمىزنى ۋە ئەڭ سەمىمىي ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!!! سىلەرگە كۆپ رەھمەت!

ھەممەيلەن ھاياجانغا تولغان شۇ مىنۇتلاردا شۇنى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، ۋەتىنىمىز تېخى قارا خىتاينىڭ نىجىس تاپىنىدىن قۇتۇلغىنى يوق، ۋەتىنىمىزدىكى ئاچا-سىڭىل، ئاكا-ئۇكىلىرىمىز ھېلىھەم قاراڭغۇ زىندانلاردا ئىڭرىماقتا، ئاياغ ئاستى قىلىنماقتا...خەلقىمىزنىڭ بارلىق ئۈمىدى بىزگە ئوخشاش چەتئەللەردىكى قېرىنداشلىرىغا قاراشلىق بولۇپ قالدى. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى فىرانسىيە پارلامېنتىدا تونۇتۇش- بۇ پەقەت بىر باشلىنىش، توختاپ قالمايلى!ئىنشائاللاھ ئالدىمىزدا تېخى نۇرغۇن ئىشلار بىزنىڭ پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا! ئىنشائاللاھ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىنى قولغا كەلتۈرەيلى، خىتايدا ئېچىلماقچى بولغان پەسكەش ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرەيلى، ۋەتىنىمىز ھەققىدە ئامېرىكىغا ئوخشاش ئەمەلىي قانۇنلارنىڭ لايىھىلىنىشى قولغا كەلتۈرەيلى! كۈرەشلىرىمىز تاكى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەقىقىي ئازادلىقىنى، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرمىگۈچە توختاپ قالمىغاي!

ئاخىرىدا فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلارغا يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەر بولسۇن، سىلەرگە رەھمەت

ھۆرمەت بىلەن «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» ھەيئەت گۇرۇپپىسى

2022-يىلى 21-يانۋار، جۈمە.

 

essalamu’eleykum firansiyediki barliq sherqiy türkistanliq wetendashlar

hemmimizge melum bolghinidek, 20-yanwar firansiye dölet parlaménti, awam palatasida 1ge qarshi 169 mutleq üstünlük awaz bilen sherqiy türkistanda yüz bériwatqan irqiy qirghinchiliqni resmiy halda étirap qildi.

mezkur qanun layihining parlaméntta maqullinishi muhajirettiki jümlidin firansiyediki barliq wetendashlirimizni hayajan’gha saldi. tünügün neq meydanda namayishqa qatnashqan, parlamént ichige kirip bu tarixi weqege shahit bolghan hemmimizning közlirige yashlar keldi. xushal bolduq, hayajanlanduq, öz -ara tebrikler ewetishtuq. pütün dunya médi’alirining diqqitini tarttuq. firansiyediki sherqiy türkistan dewasining yene bir baldaq yuqiri kötürülüshige shahit bolduq...

biz «firansiye uyghur birliki» namidin bu ishning wujudqa chiqishi jeryanida yillardin béri küchep kéliwatqan «yawropa uyghur instituti»gha we shundaqla re’isi dilnur reyhan xanimgha, institut ichidiki barliq qérindashlirimizgha we yerlik firansuz yashlargha, lagér shahitliridin gülbahar jelilowa, gülbahar xatiwaji, qelbinur sidiq, ömer bék’ali, tursun’ay ziyawudun, zumret dawut, méhrigül tursun qatarliq qehrimanlirimizgha, yillardin béri firansiyediki imkaniyitining yétishiche téléwiziye, gézit, zhurnallarda shundaqla herxil chong kichik pa’aliyetlerde toxtimastin guwahliqlarni bérip aktip heriket qilip kéliwatqan söyümlük wetendashlirimizgha, namayishlardin qalmay kélip wetendiki mezlum xelqimizning awazi boluwatqan shu ot yürek wetendashlirimizgha, firansiyede uyghur mesilisini küntertipke élip kélishte eng zor küch chiqarghan rafa’el glukismen ependige, mezkur qanun layihining parlaméntqa sunulishidiki asasliq küch chiqarghan firansiye sotsiyallar partiyesi we uning re’isi oliwiyér fo’ugh ependige, shundaqla firansiye hökümitige, firansiye parlaméntidiki biz üchün bélet tashlighan barliq dépütatlargha chin qelbimizdin teshekkürlirimizni we eng semimiy hörmitimizni bildürimiz!!! silerge köp rehmet!

hemmeylen hayajan’gha tolghan shu minutlarda shuni untulup qalmasliqimiz kérekki, wetinimiz téxi qara xitayning nijis tapinidin qutulghini yoq, wetinimizdiki acha-singil, aka-ukilirimiz hélihem qarangghu zindanlarda ingrimaqta, ayagh asti qilinmaqta...xelqimizning barliq ümidi bizge oxshash chet’ellerdiki qérindashlirigha qarashliq bolup qaldi. irqiy qirghinchiliqni firansiye parlaméntida tonutush- bu peqet bir bashlinish, toxtap qalmayli!insha’allah aldimizda téxi nurghun ishlar bizning pidakarliq bilen küresh qilishimizni kütüp turmaqta! insha’allah firansiye hökümitiningmu emeliy tedbir qollinishini qolgha keltüreyli, xitayda échilmaqchi bolghan peskesh olimpikni bayqut qilishini qolgha keltüreyli, wetinimiz heqqide amérikigha oxshash emeliy qanunlarning layihilinishi qolgha keltüreyli! küreshlirimiz taki wetinimizning heqiqiy azadliqini, musteqilliqini qolgha keltürmigüche toxtap qalmighay!

axirida firansiyede yashawatqan barliq sherqiy türkistanliq wetendashlargha yene bir qétim tebrikler bolsun, silerge rehmet

hörmet bilen «firansiye uyghur birliki» hey’et guruppisi

2022-yili 21-yanwar, jüme.

*Latinchisi astida

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلار :

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ۋەھشىيلەرچە يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى غەربتىكى ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، لىتۋانىيە قاتارلىق بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا بىردەك ماقۇللىنىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىلدى. بىز ياشاۋاتقان فىرانسىيەدە ھۆكۈمەت ياكى پارلامېنتتىن يۇقىرىقىدەك قارار تېخىچە ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن فىرانسىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلىدى ھەم تۆلەۋاتىدۇ. لاگىر شاھىتلىرىمىز توختىماي گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىۋاتىدۇ يەنى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىش، تەتقىقات يىغىنلىرى قاتارلىق بارلىق سىياسىي پائالىيەتلىرىمىز بۇلارنىڭ دەلىلى، ئەلۋەتتە .

ئەپسۇسلىنارلىقى، خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ مەملىكەت سىرتى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى» بىلەن بىرلىكتە سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرمۇ قاتناشقان. خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ تورىدىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ تور بېتىدە ئاشكارىلانغان سۈرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر  ئۇيغۇر ئايرىم - ئايرىم ھالدا : مۇنىرە مۇختەر، نىجات توختى ۋە سۈرىيە مەمتىمىن بولۇپ، خىتاي توربېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر توردا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتا - ئانىسى، ئۇرۇق  - تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ باقمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت ۋەتەندىكى دوست - يارەنلىرى بىلەن توسالغۇسىز كۆرۈشىدىغانلىقىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى دەپ ئۆتكەن. خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ ئۇلارنىڭ بەرگەن بۇ «گۇۋاھلىق» ىنى ئىسپات قىلىپ تۇرۇپ  «فىرانسىيە خەلقىنى ھەقىقىي، گۈزەل شىنجاڭنى تونۇشىنى، ۋە چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»دەپ بىلجىرلىغان.

بىز فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى نامىدىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي كونسۇلى ئورۇنلاشتۇرغان «ساختا گۇۋاھلىق» بېرىش يىغىنىدا، پۈتۈن فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامىدىن بەرگەن «ساختا گۇۋاھلىق» لىرىغا قارشى ئېتىرازىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ ئۈچ كىشىنى مىللىي ساتقىن سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلىقىنى ئېتىراپ قىلمايمىز . بۇلار ھېچقاچان فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرغا ۋەكىل بولالمايدۇ. خىتاي ئۆز جىنايەتلىرىنىڭ خەلقئاراغا پاش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھىيلە - نەيرەڭلىرىنى ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان، كومپارتىيەگە سادىق، ساتقۇن مۇناپىقلارنى مەخسۇس تەربىيەلەپ، ئۇلارغا ھەرخىل ئىمتىيازلارنى بېرىپ كەلگەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاسانلاشتۇرغان. يۇقىرىقىلار پەقەت شۇ خىلدىكى ساتقۇن - خائىنلارنىڭ ۋەكىلى خالاس.

فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى پۈتۈن فىرانسىيەدە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلىرىمىزغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى : ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆزىڭىزگە ياكى ۋەتەندىكى ئائىلە - تاۋاباتلىرىڭىزغا بېسىم كېلىپ يۇقىرىقىدەك ئاتالمىش ساختا يىغىنلارغا چىقىشقا مەجبۇرلانسىڭىز چوقۇم ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ياكى يەرلىك ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتاينىڭ جىنايىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پاش قىلىڭ.

ۋەتەندە مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز قان ئىچىدە ئىڭراۋاتىدۇ، سانسىزلىغان قېرىنداشلىرىمىز شېھىت قىلىندى، ياش قىز - يىگىتلىرىمىز قۇل ئورنىدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈندە قىلىنىۋاتىدۇ… ئاشۇ ئازاب چېكىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ، شېھىت قىلىنغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن، خەلقىڭىز ئۈچۈن بىر ئىش قىلمىسىڭىزمۇ خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولماڭ! ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قورقمىسىڭىزمۇ، خەلقىڭىزنىڭ غەزىپىدىن قورقۇڭ ! يۇقىرىدىكى ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان قېرىنداش، سىز بىزگە ئەسلا مەنسۇپ ئەمەس!

ھۆرمەت بىلەن :

«فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» ھەيئەت گۇرۇپپىسى.

2021 - يىلى 7 - نويابىر، فىرانسىيە، پارىژ

خىتتاي ئەلچىخانا توربېتىدىكى خەۋەر ئۇلانمىسى :

 

Bayanatname

Essalamu'eleykum, muhajirettiki barliq sherqiy türkistanliq wetendashlar :
Xitayning uyghurlar üstidin wehshiylerche yürgüzüwatqan yuqiri bésimliq qirghinchiliq siyasetliri gherbtiki amérika, kanada, en'gliye, gollandiye, bélgiye, litwaniye qatarliq bir qatar döletlerning parlaméntlirida birdek maqullinip irqiy qirghinchiliq dep békitildi. Biz yashawatqan firansiyede hökümet yaki parlaménttin yuqiriqidek qarar téxiche élinmighan bolsimu, buning üchün firansiyediki qérindashlirimiz az bolmighan bedellerni tölidi hem tölewatidu. Lagir shahitlirimiz toxtimay guwahliq bérip, xitayning jinayetlirini pash qiliwatidu yeni üzlüksiz élip bériliwatqan namayish, tetqiqat yighinliri qatarliq barliq siyasiy pa'aliyetlirimiz bularning delili, elwette .
Epsuslinarliqi, xitayning firansiyede turushluq bash elchixanisining orunlashturushida atalmish »shinjang memliket sirti birleshme dostluq jemiyiti» bilen birlikte sinliq pikir almashturush yighini ötküzülgen bolup, yighingha firansiyede yashawatqan üch neper uyghurmu qatnashqan. Xitayning firansiyede turushluq bash elchixanisining toridimu bu heqte xewer bérilgen bolup, xitay konsulxanisining tor bétide ashkarilanghan süretlerdin melum bolushiche, bu üch neper uyghur ayrim - ayrim halda : munire muxter, nijat toxti we süriye memtimin bolup, xitay torbétidiki uchurlardin melum bolushiche, bu üch neper uyghur torda guwahliq bérip, ularning sherqiy türkistandiki ata - anisi, uruq - tughqanliri bilen bolghan alaqisining ezeldin üzülüp baqmighanliqini, ularning her waqit wetendiki dost - yarenliri bilen tosalghusiz körüshidighanliqini, a'ilisidikilerning rahet-paraghette yashawatqanliqini dep ötken. Xitay elchixanisimu ularning bergen bu »guwahliq« ini ispat qilip turup » firansiye xelqini heqiqiy, güzel shinjangni tonushini, we chüshinishini ümid qilimiz«dep biljirlighan.
Biz firansiye uyghur birliki namidin yuqirida tilgha élinghan üch neper uyghurning xitay konsuli orunlashturghan »saxta guwahliq« bérish yighinida, pütün firansiyede yashawatqan uyghurlar namidin bergen »saxta guwahliq «lirigha qarshi étirazimizni bildürüsh bilen birge, bu üch kishini milliy satqin süpitide, uyghurliqini étirap qilmaymiz . Bular héchqachan firansiyede yashawatqan minggha yéqin uyghurgha wekil bolalmaydu. Xitay öz jinayetlirining xelqaragha pash bolup qélishidin ensirep, hiyle - neyrenglirini ishlitip, özlirining siziqidin chiqmaydighan, kompartiyege sadiq, satqun munapiqlarni mexsus terbiyelep, ulargha herxil imtiyazlarni bérip kelgen, hemde ularning weten bilen bolghan alaqisini asanlashturghan. Yuqiriqilar peqet shu xildiki satqun - xa'inlarning wekili xalas.
Firansiye uyghur birliki pütün firansiyede shundaqla dunyaning herqaysi jaylirida yashawatqan barliq sherqiy türkistanliq wetendashlirimizgha shuni eskertimizki : eger xitay hökümiti teripidin özingizge yaki wetendiki a'ile - tawabatliringizgha bésim kélip yuqiriqidek atalmish saxta yighinlargha chiqishqa mejburlansingiz choqum özingiz turushluq orundiki bixeterlik organliri yaki yerlik uyghur teshkilatlar bilen alaqiliship, xitayning jinayitini téximu ilgiriligen halda pash qiling.
Wetende milyonlighan qérindashlirimiz qan ichide ingrawatidu, sansizlighan qérindashlirimiz shéhit qilindi, yash qiz - yigitlirimiz qul ornida xitayning ichkiri ölkilirige sürgünde qiliniwatidu… ashu azab chékiwatqan xelqimizning, shéhit qilinghan qérindashlirimizning rohi qorunup qalmisun, xelqingiz üchün bir ish qilmisingizmu xitayning jinayitige shérik bolmang! Allahning jazasidin qorqmisingizmu, xelqingizning ghezipidin qorqung ! Yuqiridiki üch neper uyghurche sözliyeleydighan qérindash, siz bizge esla mensup emes!

Hörmet bilen :
»Firansiye uyghur birliki «heyet guruppisi.
2021 - Yili 7 - noyabir, firansiye, parij

 

 

Après H&M, Nike est devenu jeudi la dernière marque étrangère de prêt-à-porter à subir les foudres de la Chine. Les multinationales ont en effet annoncé leurs boycotts du coton du Xinjiang, sur fond d’allégations de travail forcé des Ouïghours.

Le Xinjiang (nord-ouest de la Chine) est l’une des plus importantes régions productrices de coton au monde. Elle fournit d’ailleurs de nombreux grands noms du prêt-à-porter. Mais, certaines multinationales n’hésitent plus à faire part de leurs préoccupations concernant le traitement réservé aux musulmans ouïghours qui habitent cette région.

Selon des études d’instituts américains et australiens, au moins un million de Ouïghours ont été internés dans des « camps » et certains soumis à du « travail forcé », notamment dans des champs de coton de la région. La Chine estime ces rapports biaisés et assure que les « camps » sont des « centres de formation professionnelle » destinés à apporter un emploi à la population afin de l’éloigner de l’extrémisme. Le Xinjiang a en effet longtemps été frappé par des attentats visant des civils et attribués à des séparatistes ou des islamistes ouïghours.

Lire aussi : Persécution des Ouïghours : Le Congrès s’interroge sur le rôle de géants de la Silicone Valley

En 2020, Nike avait publié un communiqué dans lequel l’entreprise se déclarait « préoccupée » par ces accusations de « travail forcé ». Le géant américain des articles sportifs s’était alors engagé à ne pas acheter de coton du Xinjiang. Ce communiqué de Nike a opportunément refait surface sur le réseau social chinois Weibo après l’imposition cette semaine par l’Union européenne, le Royaume-Uni, les États-Unis et le Canada de sanctions contre la Chine autour de son traitement des Ouïghours.

Dans la foulée, Pékin avait dénoncé de « fausses informations » et sanctionné en représailles des personnalités et organismes européens, ouvrant la porte à d’autres ripostes potentielles.

Nationalisme à fleur de peau

Un acteur et une actrice très connus en Chine, Wang Yibo et Tan Songyun, ont annoncé jeudi couper leurs liens avec la marque, dont ils étaient les ambassadeurs d’image. Les intérêts « du pays passent avant tout. Nous sommes fermement opposés à toutes les actions malveillantes visant à salir ou à répandre des rumeurs sur la Chine », a indiqué l’agence chargée des intérêts de Mme Tan.

H&M est quant à elle emportée depuis mercredi déjà dans cette tempête médiatique en raison d’un communiqué similaire à celui de Nike sur le coton du Xinjiang. Signe d’une probable intervention du pouvoir, c’est la Ligue de la jeunesse communiste, une organisation affiliée au Parti communiste, qui avait lancé les hostilités sur le réseau social chinois Weibo.

« Diffuser des rumeurs et boycotter le coton du Xinjiang, tout en espérant faire de l’argent en Chine ? Vous rêvez ! », avait-elle écrit en publiant les copies d’écran du communiqué de H&M, déclenchant la polémique. Les produits de la marque ont depuis été retirés des principaux sites chinois de vente en ligne. Les magasins restent toutefois ouverts.

Lire aussi : « Nos âmes sont mortes » : le témoignage glaçant d’une survivante de l’enfer ouïghour

L’institut Aspi, principalement financé par les autorités australiennes, mais aussi étrangères (notamment américaines), accusait H&M dans son rapport de s’être approvisionné auprès de structures utilisant de la main-d’œuvre ouïghoure provenant de « camps de rééducation ».

Mettre au pas les multinationales

Sur Weibo, d’autres noms de marques ayant pris des positions similaires à Nike et H&M commençaient à circuler jeudi. Uniqlo, Zara, Gap ou encore Adidas pourraient être les prochains à subir d’éventuelles sanctions. Elles ne seraient que les dernières d’une longue liste d’entreprises étrangères à s’attirer les foudres de Pékin pour avoir touché à un sujet politiquement sensible.

Versace, Coach et Givenchy ont par exemple dû présenter leurs excuses en 2019 pour avoir vendu des T-shirts laissant entendre que Taïwan et Hong Kong ne faisaient pas partie de la Chine. L’année précédente, la maison de couture italienne Dolce&Gabbana avait suscité une polémique avec la publication sur Instagram de vidéos jugées racistes.

 

La source: lecourrierdelatlas.com

L'UE prend des sanctions contre la Chine pour dénoncer le traitement des Ouïghours © AFP

L'Union européenne suivie par les Etats-Unis, le Canada et le Royaume-Uni a pris des sanctions à l'encontre de la Chine pour dénoncer la persécution de la communauté musulmane Ouïghours dans la région chinoise du Xinjiang. Les autorités chinoises ont riposté immédiatement notamment en bannissant certains eurodéputés de leur territoire. 

Plus d'articles...