*Latinchisi astida
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلار :
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ۋەھشىيلەرچە يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى غەربتىكى ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، لىتۋانىيە قاتارلىق بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا بىردەك ماقۇللىنىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىلدى. بىز ياشاۋاتقان فىرانسىيەدە ھۆكۈمەت ياكى پارلامېنتتىن يۇقىرىقىدەك قارار تېخىچە ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن فىرانسىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلىدى ھەم تۆلەۋاتىدۇ. لاگىر شاھىتلىرىمىز توختىماي گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىۋاتىدۇ يەنى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىش، تەتقىقات يىغىنلىرى قاتارلىق بارلىق سىياسىي پائالىيەتلىرىمىز بۇلارنىڭ دەلىلى، ئەلۋەتتە .
ئەپسۇسلىنارلىقى، خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ مەملىكەت سىرتى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى» بىلەن بىرلىكتە سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرمۇ قاتناشقان. خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ تورىدىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ تور بېتىدە ئاشكارىلانغان سۈرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئايرىم - ئايرىم ھالدا : مۇنىرە مۇختەر، نىجات توختى ۋە سۈرىيە مەمتىمىن بولۇپ، خىتاي توربېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر توردا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتا - ئانىسى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ باقمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت ۋەتەندىكى دوست - يارەنلىرى بىلەن توسالغۇسىز كۆرۈشىدىغانلىقىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى دەپ ئۆتكەن. خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ ئۇلارنىڭ بەرگەن بۇ «گۇۋاھلىق» ىنى ئىسپات قىلىپ تۇرۇپ «فىرانسىيە خەلقىنى ھەقىقىي، گۈزەل شىنجاڭنى تونۇشىنى، ۋە چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»دەپ بىلجىرلىغان.
بىز فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى نامىدىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي كونسۇلى ئورۇنلاشتۇرغان «ساختا گۇۋاھلىق» بېرىش يىغىنىدا، پۈتۈن فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامىدىن بەرگەن «ساختا گۇۋاھلىق» لىرىغا قارشى ئېتىرازىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ ئۈچ كىشىنى مىللىي ساتقىن سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلىقىنى ئېتىراپ قىلمايمىز . بۇلار ھېچقاچان فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرغا ۋەكىل بولالمايدۇ. خىتاي ئۆز جىنايەتلىرىنىڭ خەلقئاراغا پاش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھىيلە - نەيرەڭلىرىنى ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان، كومپارتىيەگە سادىق، ساتقۇن مۇناپىقلارنى مەخسۇس تەربىيەلەپ، ئۇلارغا ھەرخىل ئىمتىيازلارنى بېرىپ كەلگەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاسانلاشتۇرغان. يۇقىرىقىلار پەقەت شۇ خىلدىكى ساتقۇن - خائىنلارنىڭ ۋەكىلى خالاس.
فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى پۈتۈن فىرانسىيەدە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلىرىمىزغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى : ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆزىڭىزگە ياكى ۋەتەندىكى ئائىلە - تاۋاباتلىرىڭىزغا بېسىم كېلىپ يۇقىرىقىدەك ئاتالمىش ساختا يىغىنلارغا چىقىشقا مەجبۇرلانسىڭىز چوقۇم ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ياكى يەرلىك ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتاينىڭ جىنايىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پاش قىلىڭ.
ۋەتەندە مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز قان ئىچىدە ئىڭراۋاتىدۇ، سانسىزلىغان قېرىنداشلىرىمىز شېھىت قىلىندى، ياش قىز - يىگىتلىرىمىز قۇل ئورنىدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈندە قىلىنىۋاتىدۇ… ئاشۇ ئازاب چېكىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ، شېھىت قىلىنغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن، خەلقىڭىز ئۈچۈن بىر ئىش قىلمىسىڭىزمۇ خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولماڭ! ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قورقمىسىڭىزمۇ، خەلقىڭىزنىڭ غەزىپىدىن قورقۇڭ ! يۇقىرىدىكى ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان قېرىنداش، سىز بىزگە ئەسلا مەنسۇپ ئەمەس!
ھۆرمەت بىلەن :
«فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» ھەيئەت گۇرۇپپىسى.
2021 - يىلى 7 - نويابىر، فىرانسىيە، پارىژ
خىتتاي ئەلچىخانا توربېتىدىكى خەۋەر ئۇلانمىسى :
Bayanatname
Essalamu'eleykum, muhajirettiki barliq sherqiy türkistanliq wetendashlar :
Xitayning uyghurlar üstidin wehshiylerche yürgüzüwatqan yuqiri bésimliq qirghinchiliq siyasetliri gherbtiki amérika, kanada, en'gliye, gollandiye, bélgiye, litwaniye qatarliq bir qatar döletlerning parlaméntlirida birdek maqullinip irqiy qirghinchiliq dep békitildi. Biz yashawatqan firansiyede hökümet yaki parlaménttin yuqiriqidek qarar téxiche élinmighan bolsimu, buning üchün firansiyediki qérindashlirimiz az bolmighan bedellerni tölidi hem tölewatidu. Lagir shahitlirimiz toxtimay guwahliq bérip, xitayning jinayetlirini pash qiliwatidu yeni üzlüksiz élip bériliwatqan namayish, tetqiqat yighinliri qatarliq barliq siyasiy pa'aliyetlirimiz bularning delili, elwette .
Epsuslinarliqi, xitayning firansiyede turushluq bash elchixanisining orunlashturushida atalmish »shinjang memliket sirti birleshme dostluq jemiyiti» bilen birlikte sinliq pikir almashturush yighini ötküzülgen bolup, yighingha firansiyede yashawatqan üch neper uyghurmu qatnashqan. Xitayning firansiyede turushluq bash elchixanisining toridimu bu heqte xewer bérilgen bolup, xitay konsulxanisining tor bétide ashkarilanghan süretlerdin melum bolushiche, bu üch neper uyghur ayrim - ayrim halda : munire muxter, nijat toxti we süriye memtimin bolup, xitay torbétidiki uchurlardin melum bolushiche, bu üch neper uyghur torda guwahliq bérip, ularning sherqiy türkistandiki ata - anisi, uruq - tughqanliri bilen bolghan alaqisining ezeldin üzülüp baqmighanliqini, ularning her waqit wetendiki dost - yarenliri bilen tosalghusiz körüshidighanliqini, a'ilisidikilerning rahet-paraghette yashawatqanliqini dep ötken. Xitay elchixanisimu ularning bergen bu »guwahliq« ini ispat qilip turup » firansiye xelqini heqiqiy, güzel shinjangni tonushini, we chüshinishini ümid qilimiz«dep biljirlighan.
Biz firansiye uyghur birliki namidin yuqirida tilgha élinghan üch neper uyghurning xitay konsuli orunlashturghan »saxta guwahliq« bérish yighinida, pütün firansiyede yashawatqan uyghurlar namidin bergen »saxta guwahliq «lirigha qarshi étirazimizni bildürüsh bilen birge, bu üch kishini milliy satqin süpitide, uyghurliqini étirap qilmaymiz . Bular héchqachan firansiyede yashawatqan minggha yéqin uyghurgha wekil bolalmaydu. Xitay öz jinayetlirining xelqaragha pash bolup qélishidin ensirep, hiyle - neyrenglirini ishlitip, özlirining siziqidin chiqmaydighan, kompartiyege sadiq, satqun munapiqlarni mexsus terbiyelep, ulargha herxil imtiyazlarni bérip kelgen, hemde ularning weten bilen bolghan alaqisini asanlashturghan. Yuqiriqilar peqet shu xildiki satqun - xa'inlarning wekili xalas.
Firansiye uyghur birliki pütün firansiyede shundaqla dunyaning herqaysi jaylirida yashawatqan barliq sherqiy türkistanliq wetendashlirimizgha shuni eskertimizki : eger xitay hökümiti teripidin özingizge yaki wetendiki a'ile - tawabatliringizgha bésim kélip yuqiriqidek atalmish saxta yighinlargha chiqishqa mejburlansingiz choqum özingiz turushluq orundiki bixeterlik organliri yaki yerlik uyghur teshkilatlar bilen alaqiliship, xitayning jinayitini téximu ilgiriligen halda pash qiling.
Wetende milyonlighan qérindashlirimiz qan ichide ingrawatidu, sansizlighan qérindashlirimiz shéhit qilindi, yash qiz - yigitlirimiz qul ornida xitayning ichkiri ölkilirige sürgünde qiliniwatidu… ashu azab chékiwatqan xelqimizning, shéhit qilinghan qérindashlirimizning rohi qorunup qalmisun, xelqingiz üchün bir ish qilmisingizmu xitayning jinayitige shérik bolmang! Allahning jazasidin qorqmisingizmu, xelqingizning ghezipidin qorqung ! Yuqiridiki üch neper uyghurche sözliyeleydighan qérindash, siz bizge esla mensup emes!
Hörmet bilen :
»Firansiye uyghur birliki «heyet guruppisi.
2021 - Yili 7 - noyabir, firansiye, parij